ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

چاڭجياڭ دەرياسىدا يۈز نەچچە توننا ئەخلەت پەيدا بولۇپ قالدى

2010-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
20-ئىيۇن سەھەردە كىشىلەر چۇڭچىڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى چاڭجياڭ دەريا سۈيىنىڭ بىر كېچىدىلا9 مېتر ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ، سۇ يۈزىدە 100 نەچچە توننا كەلگۈدەك زور ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن . ئەخلەتلەرنىڭ دائىرىسى نەچچە يۈز كۋادرات مېتر ، قېلىن
  

20-ئىيۇن سەھەردە كىشىلەر چۇڭچىڭ شەھىرى تەۋەسىدىكى چاڭجياڭ دەريا سۈيىنىڭ بىر كېچىدىلا 9 مېتر ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ، سۇ يۈزىدە 100 نەچچە توننا كەلگۈدەك زور ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن . ئەخلەتلەرنىڭ دائىرىسى نەچچە يۈز كۋادرات مېتر ، قېلىنىقى بىر مېترغا يېقىنلاشقان بولۇپ ، ئۈستىدە ئادەم ماڭسا كۆتۈرەلىگۈدەك بولغان . يەرلىك دەريا-ئېقىن تازىلاش خادىملىرى 6 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئەخلەتلەرنى ئاران تازىلاپ بولغان . چۇڭچىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ، بۇنچە كۆپ ئەخلەت ئالدىنقى كۈنىدىكى قاتتىق يامغۇر تەسىرىدە يىغىلىپ قالغان سۇلارنىڭ شەھەر يوللىرىنى يالاپ ئېقىتىپ كېلىپ دەرياغا قۇيۇۋەتكەنلىكىدىن پەيدا بولغان بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!