شىئەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 18-ئىيۇن ئوچۇق سوت ئېچىپ سىچۈەنلىك 19 ياشلىق شياۋچاڭيۇڭنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى . جاۋابكار شياۋچاڭيۇڭ ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ شىئەندىكى بىر شاخلىتىپ سېتىش قانۇنسىز تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرىلگەن بولۇپ ، كېيىن ئۇ يەردىن قېچىپ چىقماقچى بولغاندا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ بىر ئادەمنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان . سوت مەھكىمىسى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ چىقىپ جاۋابكارنىڭ قىلمىشى چەكتىن ئاشقان قوغدىنىشقا كىرسىمۇ ئەمما ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ قانۇنسز ئۇنسۇرلارنى پاش قىلىش ئىپادىسى بار دەپ قاراپ ئۇنىڭ جىنايىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ گۇناھسىز دەپ نەق مەيداندا قويۇپ بەردى .
سۈرەتتە جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تىزلىنىپ تۇرۇپ سوتنىڭ ھۆكۈمىگە رەھمەت ئېيتماقتا