ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

بېل گايتىس بىلەن بافېت ئامېرىكىدىكى بايلارنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىقا دەۋەت قىلدى

2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:سۇمرۇغ تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
خەلقئارا يۇمشاق دېتال ماگناتى __ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىس بىلەن پايچېك ئىلاھى بافېت يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ بايلارنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئۆزلىر
  

خەلقئارا يۇمشاق دېتال ماگناتى __ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىس بىلەن <پايچېك ئىلاھى> بافېت يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ بايلارنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆپ مىقداردا پۇل سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . گايتىس بىلەن بافېت نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم دەپ قارىلىدىغان بولۇپ ، ئىزچىل تۈردە بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ كەلگەن .

يېقىنقى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي 400 ئادەمنىڭ ئومۇمىي بايلىقى 1.2 ترىلىيون دوللاردىن ئاشىدىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاران 17سى بىر قسىىم مال-مۈلكىنى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىغا ئىئانە قىلغان . گايتىس بىلەن بافېت ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بايلىقىنىڭ يېرىمىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشى كېرەك ، دەپ قارىغان .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!