ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

جۇڭگو نېفىت شىركىتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى

2010-يىلى05-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە گېزىتى 30-ماي دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى . جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز (گورۇھى) باش شىركىتى (中国石油) تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ئېكسون نېفىت شىركىتىدىن ھالقىپ دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كارخانا
  

ئەنگىلىيە پۇل-مۇئامىلە گېزىتى 30-ماي دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى . جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز (گورۇھى) باش شىركىتى (中国石油) تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ئېكسون نېفىت شىركىتىدىن ھالقىپ دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كارخانا بولۇپ قالدى .

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغىنى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 14-قېتىملىق يىللىق رەت-تەرتىپى بولۇپ ، جۇڭگو كارخانىلىرى بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم ئالدىنقى 1-ئورۇنغا ئۆتكەن . دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى بازار قىممىتى 329.3 مىليارد دوللار بولۇپ ، 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئېكسون نېفىت شىركىتىدىن 13 مىليارد يۇقىرى بولغان . ئۇندىن باشقا يەنە ئالدىنقى 10 كارخانىنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كارخانىسىدىن ئۈچى بولۇپ ، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 10-ئورۇندا تۇرغان . چەتئەلدىكى داڭلىق كارخانىلاردىن مىكروسوفت 3-ئورۇنغا ، ئالما شىركىتى 5-ئورۇنغا تىزىلغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!