7-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيە تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى ياپونىيە قاتناش مىنىستىرلىكىگە بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇپ ، ياپونىيە دۆلەت ئىچىدە سېتىلغان تويوتا ماركىسى ئاستىدىكى لېكساس ، خان تاجى قاتارلىق 8 چوڭ تىپتىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ماتور ۋە تورمۇز قىسمىدا بىردەك يوشۇرۇن خەۋپ ئامىلى بار دەپ قارالغانلىقتىن ، ھۆكۈمەت تەرەپ تويوتا شىركىتىدىن يۇقىرىقى ئاپتوموبىللارنى بازاردىن يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان .