ئامېرىكا فورد ئاپتوموبىل شىركىتى 24-ئىيۇن تايلاند پايتەختى بانكوكتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، 450 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ تايلاندتا ئاپتوموبىل ياساش تارماق زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقى ۋە فورد ماركىسى قارمىقىدىكى فوكس ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . فورد شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ، شىركەتنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بازىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى پېتر فرېد يېڭى زاۋۇتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىككە تەيىنلەندى .