گېرمانىيە <دۇنيا> گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، نيۇ-يورك دۇنيا سودا مەركىزى بىناسى خارابىلىقىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئىشچىلار يېقىندا خارابىلىق ئاستىدىن 9 يىل ئىلگىرىكى ۋەقەدە قازا قىلغان 72 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان . نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار بۇ جەسەتلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا .
2001-يىلى 11-سىنتەبىر نيۇ-يورك مانخاتتون رايونىغا جايلاشقان دۇنيا سودا مەركىزى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 415 مېتر ئېگىزلىكتىكى قوشماق بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ھەمدە 2600 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان . ۋەقەدىن كېيىن دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىنىڭ ئەسلى ئورنىغا خاتىرە سارىيى سېلىش پىلانلانغان .