5-ئاينىڭ 18-كۈنى تايلاند زۇڭلى مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تېلىۋېزىيە نۇتقى تارقىتىپ ، زۇڭلى ئاپىشىنىڭ <قىزىل مايكىلىقلار> بانكوكتىكى يىغىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرمىغىچە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ نامايىشچىلار يىغىلغان رايونغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، <قىزىل مايكىلىقلار> نى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىشنى باشلىدى . نۆۋەتتە نامايىشچى قوشۇن يەنىلا بانكوكنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا تارقاق ھالەتتە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە .