تايلاند جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 15-چېسلا ئېلان قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت ئالتىگىچە بانكوكتا يۈز بەرگەن <قىزىل مايكىلىقلار> بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا جەمئىي 16 ئادەم ئۆلۈپ 157 ئادەم يارىلانغان . 14-چېسلا بانكوكتا يىغىلىۋالغان <قىزىل مايكىلىقلار> بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوراللىق توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ ، بىر قىسىم تېرورچىلار نامايىشچى ئامما ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ ساقچىلارغا ئوق چىقارغانلىقتىن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى <قىزىل مايكىلىقلار>غا قوراللىق قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان .