ئامېرىكا <تۇز كۆل ئاۋانگارت> گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يۇتا شىتاتىدىكى قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى رونى گاردنېرغا 18-ئىيۇن كېچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ ئامېرىكىدا 14 يىلدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ جازا ئىجرا قىلىنغان تۇنجى جىنايەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
گەرچە ھازىر ئامېرىكىنىڭ 35 شىتاتىدا ئۆلۈم جازاسى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن پەقەت يۇتا شىتاتىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ . باشقا جايلاردا بولسا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان توكلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇشتىن باشقا يەنە زەھەرلىك ئۇكۇل ئۇرۇپ ئىجرا قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ بار . ئىككى تۈرلۈك قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن گادرنېر ئۇكۇل ئۇرۇپ جازا ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن شىتاتلىق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى .