ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان <تىنچ ئوكيان چەمبىرىكى> كۆپ دۆلەت بىرلەشمە دېڭىز مانىۋېرى تۈنۈگۈن 5-كۈنىگە قەدەم قويدى . بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا 14 دۆلەتتىن كەلگەن 34 ئۇرۇش پاراخوتى ، 5 سۇ ئاستى پاراخوتى ، يۈزدىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە 20 مىڭغا يېقىن ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى ھېسابلىنىدۇ . مانىۋېرنىڭ مەقسىتى ئاساسلىقى ئوخشىمىغان دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ دېڭىزدىكى ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت .