ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى ئۇ يولدا كېتىۋىىتىپ مۈرىسىنىڭ قاتتىق نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى سەزگەن. كېيىن ئويغىنىپ قارىسا 20 سانتېمىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ كۆلچىكىدە يېتىپ قالغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن. ئېغىزىغا سۆزمۇ كەلمەي، بەدىنىنى مىدىرىتىشقىمۇ ئىمكان بولماي قالغان. كېيىن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ياخشى نىيەتلىك ئىككى كىشى ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان. دوختۇرلار تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت سەل چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئايالى ئۇنىڭ مەيدىسىدە چاقماقنىڭ سۆرىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قىزىل سىزىقنى كۆرۈپ بەك ئەنسىرىگەن. كېيىن يولدىشىدىن دوختۇرنىڭ ھېچقانداق چوڭ چاتاق يوق، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلى تېنىچ تاپقان. بىراق بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، لاۋتاڭ ئۆزىنىڭ قەيەرىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدىغان، ئىشقىلىپ جىم تۇرماي ماڭغۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ 24 سائەتنىڭ ئىچىدە 22 سائەت توختىماي ماڭىدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، پەقەت داۋاملىق مېڭىپ بەرگەندىلا ئاندىن ئۆزىنى بىئارام ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جىلىن ئونۋېرسىتىتى دوختۇرخانىسىنىڭ 3-تارماق دوختۇرخانىسىدىكى خې پىروففىسورنىڭ ئېيتىشىچە، چاقماق سوقىۋەتكەن بۇ ئادەم بەلكىم شۇ ۋاقىتتا بەك قورقۇپ كېتىپ، ئېلېكتر دولقۇنى ئۇنىڭ مېڭىسىدە غىدىقلاش پەيدا قىلغان بولىشى مومكىن ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا بىمار نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مومكىن ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!