7-ئاينىڭ 7-كۈنى خاڭجۇ شەھىرىدە نامەلۇم ئۇچار جىسىم پەيدا بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ توغرىلىق ئېنىق چۈشەنچە بېرەلمىدى . شۇ كۈنى كەچتە خاڭجۇ خەلقئارا ئايرودرومى ھاۋا بوشلۇقىدا پارقىراق نۇر چاقنىتىدىغان ، يۇمىلاق شەكىللىك غەلىتە بىر ئۇچار جىسىم پەيدا بولۇپ ، نۇرغۇن ئايروپىلانلارنىڭ بىر نەچچە سائەت كېچىكىپ ئۇچۇشى ياكى قونۇش مەنزىلىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان . بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى ئۇزۇن ، ھەرىكەت دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تارتىۋالغان سۈرەتلەر ساقلىنىپ قالغان . لېكىن نۆۋەتتە بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ تېگى-تەكتى يەنىلا بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا .