مەركىزى شەھەر گېزىتى خەۋىرى ، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئامما 30 - ئىيۇن كەچتە شىنجاڭ ئاسمىنىدىن بىر << نۇرلۇق غەلىتە نەرسە >> نىڭ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا غۇلغۇلا قىلىشقان . 4 - ئىيۇل ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى بۇ مەسىلىنى ئىزاھلاپ << نۇرلۇق غەلىتە نەرسە - ئەمەلىيەتتە 30 - ئىيۇل ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن بىر قىتئە ئاتلايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى >> دېدى .
30 - ئىيۇن سائەت 23 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ، مۇخبىر ئۈرۈمچى قىزىل تاغ ماشىنا بېكىتىدىن ماشنىغا چىقاي دەپ تۇرغاندا ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسماندا بىر << نۇرلۇق غەلىتە نەرسە >> نىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولۇشقان . مۇخبىر ئۇ << نۇرلۇق غەلىتە نەرسە >> نىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلغان بولۇپ ، بىر يۇمىلاق ئېنىق بولمىغان نۇر شەرق تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىپ ، خۇددى يەلپۈگۈچ شەكلىدە نۇر تارقىتىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ خىل مەنزىرە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان .
شىنجاڭ ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ خۇا گاڭ بۇ ئەھۋالنى مۇنداق تونۇشتۇردى : بۇ غەلىتە نەرسىنىڭ << UFO >> بولۇشى ياكى باشقا غەيرىي ئۇچار جىسىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن . ئەمەلىيەتتە بۇ ئېنىقلا ، 30- ئىيۇن ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن قىتئە ئاتلايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەن . شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئاددىي كۆز بىلەنمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۆزەتكىلى بولىدىكەن .
خەلق تورى تېلېگراممىسى ، ئامېرىكا ئارمىيىسى 30 - ئىيۇن كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان Van Den Born ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىن بىر << خەلق ئارمىيىسى >> 3 - تىپتىكى قىتئە ئاتلايدىغان ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇۋەتكەن بولۇپ ، بېسىش مۇساپىسى 7000 كىلۇمېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن .