دۆلەت 5 مىليارد 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، ئومۇمىي مۇساپىسى 488.27 كىلومېتىر بولغان قەشقەردىن خوتەنگە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى نۆۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، قۇرۇلۇش سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى تاماملىنىپ، 1 - دېكابىر پۈتكۈل لىنىيە سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا 2008 - يىلى دېكابىردا ئىش باشلانغاندىن بۇيان، يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ %75 ى تاماملىنىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى يۇقىرى سۈرئەتنى ياراتقان. رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن بىللە، تۆمۈريول بويىدىكى ۋوگزال قۇرۇلۇشىمۇ چىڭ تۇتۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە قەشقەر، يېڭىسار، يېڭىشەھەر، پوسكام، يەكەن، قاغىلىق، گۇما، زاڭگۇي، 224 - تۇەن، قاراقاش، خوتەن شەھىرى قاتارلىق 11 ۋوگزال قۇرۇلۇشى تەرتىپ بويىچە داۋاملاشماقتا ئىكەن.