سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسىچىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسى، كىراكەشلىك تىجارىتى كىنىشكىسى، مۇلازىمەت سالاھىيەت كىنىشكىسى بىر تال تاكسى IC كارتىسىغا يىغىۋېتىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 20 مىڭ تاكسىچى ‹‹ھەممىباب كارتا›› غا ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ.
تاكسى IC كارتىسى تارقىتىش خىزمىتى ئىيۇننىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، 2 - ئاۋغۇستقىچە 4600 ى تارقىتىپ بولۇنغان، تارقىتىش خىزمىتى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: ‹‹تاكسى IC كارتىسى 2 - ئەۋلاد كىملىك بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا، ئىقتىدارىمۇ كىملىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ، تاكسىچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدۇ››.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارتا ئارقىلىق تاكسىچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سەمىمىيەت ئارخىپى تۇرغۇزۇلىدىكەن، بۇ كارتا كەلگۈسىدە كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىمۇ قوللىنىلىدىكەن.