
مەدىنە تاھىر خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 10 – ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ساختا تالون جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ج خ سىستېمىسىدا بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئون ئايلىق ساختا تالون جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغانىدى. بۇ يىل 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 54 ساختا تالون دېلوسى پاش قىلىنىپ، 6 مىليون پارچە ساختا تالون، 154 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلدى، ساختا تالون ياساش ئۇۋىسىدىن 108ى بىتچىت قىلىندى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ تارماقلىرى مەخسۇس ھەرىكەت داۋامىدا پاش قىلغان ‹‹29 – ئىيۇن›› ساختا تالون ئالاھىدە دېلوسى، ‹‹17 – ئىيۇن›› ساختا تالون ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىش چوڭ دېلوسى قاتارلىق ئون چوڭ ساختا تالون دېلوسى ئېلان قىلىندى.
بۇلتۇر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ج خ تارماقلىرى ئۇزاق ۋاقىت ساختا تالون سېتىپ كەلگەن جاڭ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساختا تالون ياساش ئۇۋىسىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇ يىل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ج خ تارماقلىرى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ج خ تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ساختا تالون ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 70 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 2 مىليون 260 مىڭ پارچە ساختا تالون ۋە ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى رازۋېدكا تارماق ئەترىتى ئىككى ئايدىن كۆپرەك رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل 17 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شوربۇلاق كوچىسىغا جايلاشقان ساختا تالون ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 600 مىڭ پارچە ساختا تالون ۋە ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى