ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ب د ت يىغىن ئېچىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنى پاكىستانغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

2010-يىلى08-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   شىنخۇا تورى ، ب د ت 19–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : 64–نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيى 19–ئاۋغۇست ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى . يىغىندا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ پاكىستاندىكى ئاپەت ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاكىستانغا
  

   شىنخۇا تورى ، ب د ت 19–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : 64–نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيى 19–ئاۋغۇست ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى . يىغىندا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ پاكىستاندىكى ئاپەت ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاكىستانغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى تەشەببۇس قىلىندى .

   بان كىمون ب د ت غا ، ئۆزىنىڭ 15–ئاۋغۇست پاكىستانغا بېرىپ ، ئۇ يەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى ئاپەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى . ئۇ مۇنداق دېدى : ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن پاكىستانغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ ، بىراق ، ئاپەت ئەھۋالى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ئېغىر . ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق غەيرەت قىلىپ ، پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا مەردلىك بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى دەۋەت قىلدى .

   ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى : پاكىستان تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان تەبئىي ئاپەتنى باشتىن كەچۈردى . ئاپەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەدىدىن تاشقىرى تېز بولماقتا . مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەڭ تېزلىكتە ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن .

    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جىددىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ ، مالىيە خام چوتىدا جىددىيلىك كۆرۈلگەن بولسىمۇ ، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم پاكىستاننىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا چوقۇم بىر جاۋاب بېرىشى كېرەك . ئۇ ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا يەنە 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا قىلغان ئومۇمىي ياردەم سوممىسى 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى .

   ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دەل 2–قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك كۈنىگە توغرا كەلگەن بولۇپ ، كانادا ، دانىيە ، بىلگىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق 60 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا پىكىر بايان قىلىپ ، پاكىستانغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

   بۇ يىل 7–ئايدىن بۇيان ، پاكىستان ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى كەلكۈن بېسىپ كەتتى . پاكىستان ھۆكۈمىتى 18–ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە ، پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 1540 ئادەم قازا قىلغان ، 20 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان بولۇپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما پاكىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ توققۇزدىن بىرىنى ئىگىلىگەن .

   مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال سۈرەتلەر :

ئاپەت رايونىدىكى ئامما

ئاپەت رايونىدىكى بالىلار

ئاپەت رايونىدىكى ئامما

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!