ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىدا «قۇرئان» كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:ئۇچۇر تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
نامايىشچىلار قۇرئان كەرىم نى كۆيدۈرگەن باستېر جونىسنىڭ چېركاۋى سىرتىدا قۇرئان كەرىم نى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە قارىتا نامايىش قىلماقتا شىنخۇا ئاگېنتلىقى 13-سېنتەبىر تېلىگىراممىسى، ئامېرىكا ئىنجىلچىلار دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى جونىس قۇرئان كەرىم نى كۆيدۈرگەن
  




نامايىشچىلار  «قۇرئان كەرىم» نى كۆيدۈرگەن باستېر جونىسنىڭ چېركاۋى سىرتىدا «قۇرئان كەرىم» نى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە قارىتا نامايىش قىلماقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 13-سېنتەبىر تېلىگىراممىسى، ئامېرىكا ئىنجىلچىلار دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى جونىس «قۇرئان كەرىم» نى كۆيدۈرگەن. بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتكەن. ئاففانىستانلىق ئامېرىكىغا قارشى نامايىشچىلارنىڭ نامايىش قىلغىنىغا تۈنۈگۈن 3 كۈن بولغان بولۇپ، شىياڭگاڭ «ۋېنخۈي گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى تەرەپ نامايىشچىلارنى قۇراللىق تارقاقلاشتۇرۇپ، 2 ئادەم قازا قىلغان. 3 كۈن ئىچىدە قازا قىلغان نامايىشچىلارنىڭ سانى 3 نەپەرگە يەتكەن. ئەمما جونىس بولسا، كىشىلەرنى ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا «قۇرئان كەرىم» نى كۆيدۈرۈشكە «دەۋەت» قىلىپ،
ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى.
نىيۇيورك خاردېنبېردا، تۈنۈگۈن ئاز دېگەندىمۇ 2 نەپەر بىھۆرمەتسىز كىشىنىڭ «قۇرئان» نى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېننېسسى شىتاتىدا ئاساسىي ئېقىم دىنىي جەمئىيىتىگە تەۋە بولمىغان ئىنجىلچىلار دىنىي جەمئىيىتىنىڭ 2 نەپەر باستېرى ئىككى تال «قۇرئان» نى كۆيدۈرگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچى ئاففانىستاننىڭ لوگار ئۆلكىسىدە نامايىش قىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا «ئامېرىكا ئۆلسۇن» ۋە «خىرىستىيان ناسارالار ئۆلسۇن» دىگەن شوئارنى توۋلاپ نامايىش قىلىپ ساقچى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ساقچى تەرەپ ئوق چىقىرىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان ھەم ۋەقەدە 7 ئادەم يارلانغان. ياردارلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپەر كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن داۋالاش مومكىن بولمىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نامايىشچىلار سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، چەت دۆلەت ھەربىي قىسمىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بازىسىغا ھۇجۇم قىلىمىز، دەپ جار سالغان. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى بادراكشى ئۆلكىسىدە نەچچە ئون مىڭلىغان نامايىشچى يىغىلىپ، شىمالىي يوركنىڭ ئاففانىستاندىكى بازىسىغا قارىتىپ تاش ئاتقان. نۆۋەتتە تەخمىنەن 150 مىڭ چەت دۆلەت ھەربىي قىسمى ئاففانىستانغا ئورۇنلاشقان.
ب د ت نىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق يۇقىرى ئەمەلدارى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىغا قارشى نامايىشچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاففانىستاندا 18-سېنتەبىر ئېلىپ بېرىلىدىغان دۆلەت مەجلىسى سايلىمى بەلكىم كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشى مومكىن.

مەنبە:شىنخۇا تورى    

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!