شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 8-سىنتەبىر تېلگىراممىسى: ئەنگىلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگىلىيەلىك گرىھېم ئەزەلدىن ئۇرۇش ئۇيۇنىغا ئامراق ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىدە «ھەربىي زاۋۇت» ۋە ھەربىي ئىسكىلات قۇرۇپ، زەمبىرەك، راكېتا، باشقۇرۇلدىغان بومبا، قول بومبىسى ۋە ھەرخىل قوراللارنى ساقلايدىغانلىقىنى ھېچكىم ئويلىمىغان. بۇ قورال-ياراغلار بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشقا تامامەن يېتىدۇ.
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى