
6–سېنتەبىر ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى ئادەم بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ، نۆۋەتتە ، 19 ئادەم قازا قىلىپ ، 45 ئادەم يارىلانغان .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسىدىكى بىر قاتناش لىنىيەسىگە يېقىن جايدىكى ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ ، ساقچى تەرەپ پارتلاش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا تەخمىنەن 45 ساقچىنىڭ ساقچى ئىدارىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، قازا قىلغان 19 نەپەر ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ توققۇزى ساقچى بولۇپ ، يەنە تۆتەيلەن توققۇز ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىكەن . يارىلانغان 45 كىشى ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 20 سى ساقچى ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ساقچى ئىدارىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە ئەتراپتىكى بىر دۇكان ۋە بىر مەسچىتمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .
ساقچىلار ۋە قۇتقۇزغۇچى خادىملار نەق مەيدانغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار ئارقىلىق پارتلاشتا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن خارابىنى ئاختۇرۇپ ، خارابە ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدىگەن .
ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدى تەرىپى قۇم خالتىلار بىلەن قورشالغاچقا ، تېررورچىلار ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغىغان . ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى قامال قىلغانلىقىنى ھەمدە گۇماندارلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتقان .
خەۋەردە يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن ، ئالدىنقى ھەپتە پاكىستاندا 110 كىشى زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان . ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ، تالىبان ، بازا تەشكىلاتى ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان رادىكال تەشكىلاتلار پەيدا قىلغان پارتلىتىش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3700 دىن ئېشىپ كەتكەن .
