ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگلىيەدە41 مىڭدىن ئارتۇق ئەر ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدۇ

2010-يىلى09-ئاينىڭ07-كۈنىمەنبە:ئۇچۇرتورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
خەلقئارا لىنيە تورى مەخسۇس خەۋرى: ئەنگىلىيەنىڭ قوغدىغۇچى گېزىتى ۋە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى نىڭ 5-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئەنگىلىيەدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچىرىغان ئەرلەرنىڭ سانى %40 تىن ئې
  

 

خەلقئارا لىنيە تورى مەخسۇس خەۋرى: ئەنگىلىيەنىڭ «قوغدىغۇچى گېزىتى» ۋە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ5-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئەنگىلىيەدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچىرىغان ئەرلەرنىڭ سانى %40 تىن ئېشىپ كەتكەن دېيىلگەن. بۇ ھەممە ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
ئەنگلىيەنىڭ ئەدلىيە بىلىم ئاشۇرۇش ھەيىتىنىڭ 4-سىنتەبىردىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئەنگلىيە ئىچكى

ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ نىسبىتى% 40 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئارىسىدىكى كۆپۈنچىسى يارلانغان.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش نىسبىتى% 43.7 بولغان. 2007-يىلدىن 2008-يىلغىچە،%45.5 كە يەتكەن. 2008-يىلدىن 2009-يىلغىچە، %37.7 كە تۆۋەنلىگەن. بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى2008-يىلدىن 2009-يىلغىچە، ئەنگلىيەدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچىرىغان ئەرلەرنىڭ سانى 41 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، ئاياللارنىڭ سانى 2700 بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، 2009-يىلى %6 ئاياللار %4 ئەرلەر ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچىرىغان.
كۆپ قىسىم ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ نارازى بولىدىغىنى، ئۇلار ساقچىغا مەلۇم قىلىپ تېلفۇن قىلغاندا،
ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ قۇتقۇزۇش تەلىپىگە سەل قارىغانلىقى، كۆپلىگەن ساقچىلارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا نىسبەتەن زەخمىلەنگۈچىنى ئايال تەرەپ دەپ قارىشى بولغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!