ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستاندىكى تۇغما پۇتسىز قەيسەر يىگىت

2010-يىلى09-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئۇچۇر تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
گەرچە پۇتى يوق بولسىمۇ، تاكۇر ئىككى قولىنى پۇتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى سىلىق ھەم لەرزان بولۇپلا قالماي،كىشىنىنۇرغۇن ئويلارغا سالاتتى شىنجىڭ گېزىتى خەۋرى: 21 ياشقا كىرگەن ھىندىستانلىق ۋېينود.تاكۇر تۇغما مېيىپ بولۇپ، بىراق ئۇ ئۆز
  




گەرچە پۇتى يوق بولسىمۇ، تاكۇر ئىككى قولىنى پۇتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى سىلىق ھەم لەرزان بولۇپلا قالماي، كىشىنى نۇرغۇن ئويلارغا سالاتتى




«شىنجىڭ گېزىتى» خەۋرى: 21 ياشقا كىرگەن ھىندىستانلىق ۋېينود.تاكۇر تۇغما مېيىپ بولۇپ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىغا قارىماي جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۇسسۇل ئۆگەندى. ئۇ مۇشۇ يېقىندا ھىندىستاندىكى «ھىندىستان تالانتلىقلىرى» مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن تەسىرلەندۈردى ھەم توردا غۇلغۇلا قوزغاپ تېزلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
21 ياشلىق تاكۇر ھىندىستان دېھلىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىر نامرات شەھەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى شوپۇر، بىر ئۆيلۈك ئارانلا ئىككى ئېغىز ياتاق ئۆيدە كۈن كەچۈرىدىكەن. ئۇ گەرچە تۇغما مېيىپ بولسىمۇ، ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . ئۇ بىر  تېلىفون رىمونت قىلىش دۇككىنىدىن خىزمەت تاپقان بولۇپ، ئايلىق كىرىمى ئارانلا 130 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. تاكۇر ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قەيسەر بولىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن. شۇنداقلا بۇنىڭغا قانائەتلىنىپلا قالماي، ئىشتىن سىرت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى پىلانلىغان.
كېيىن ئۇ دوستلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇسسۇل ئۆگەنگەن. گەرچە باشتا ئۇ ئۆزىگە ئانچە ئىشەنچ قىلالمىغان بولسىمۇ، كېيىن بارا-بارا قەيسەرلىك بىلەن مەشىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. نۆۋەتتە تاكۇر ئۆزىنىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇن قويۇشقا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!