ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 9-ئىيۇل ھىندىستاندىكى بىر پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش زاۋۇتىدا 6 نەپەر ئىشچى پەمىدۇر قىيامى ساقلايدىغان چوڭ باكقا چۈشۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن . ئىگىلىنىشىچە ۋەقە يۈز بەرگەن زاۋۇت ھىندىستاننىڭ تاركاتورا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، بىر ئىشچى پەمىدۇر قىيامى ساقلاش باكىنى تازىلاۋېتىپ چوڭقۇرلۇقى 3.6 مېتر كېلىدىغان يۇمىلاق باكنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان 5 نەپەر خىزمەتدىشى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەينى-كەينىدىن باكنىڭ ئىچىگە سەكرەپ چۈشۈپ ، بەختكە قارشى 6 نەپەر ئىشچىنىڭ ھەممىسى باك ئىچىدىن چىقالماي قازا قىلغان .