
2–سېنتەبىر ، ئامېرىكا لۇئىسئانا ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى مېكسىكا قولتۇقى دېڭىز رايونىدا ، قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرى پارتلاش يۈز بەرگەن بۇرغىلاش سۇپىسىغا سۇ پۈركىمەكتە . بۇ بۇرغىلاش سۇپىسىدا شۇ كۈنى پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە ، سۇپىدىكى 13 ئىشچىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
شىنخۇا تورى ، خيۇستون ، 2–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى 2–سېنتەبىر مېكسىكا قولتۇقىدىكى يەنە بىر بۇرغىلاش سۇپىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەمەلدارى Casei Lanel مۇنداق دېدى: پارتلاش لۇئىسئانا ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ۋېرمىللىئون قولتۇقىنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 80 دېڭىز مىلى (تەخمىنەن 148 كىلومېتىر) كېلىدىغان مېكسىكا قولتۇقى دېڭىز رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، پارتلاش يۈز بەرگەنلىك خەۋىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 ئەتراپىدا دوكلات قىلىندى.

نۇرغۇنلىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ كارتېرلىرى ھادىسە نەق مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن. ھادىسە يۈز بەرگەن بۇرغىلاش سۇپىسىدا 13 نەپەر ئىشچى بار بولۇپ، ئارىسىدىكى بىرى پارتلاشتا يارىلانغان، ھازىرچە يارىسىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى ئېنىق ئەمەس.
ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ھادىسە يۈز بەرگەن بۇرغىلاش سۇپىسى دېڭىز ئاستىدىكى 2500 فۇت (تەخمىنەن 750 مېتىر) لىق جايغا جايلاشقان بولۇپ، باش ئىشتابى خيۇستوندا بولغان بىر ئېنېرگىيە شىركىتىگە قارايدۇ. بۇ قۇدۇقتا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ. نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپ نېفىت ئېقىش ئەھۋالى بار - يوقلىقىنى تېخى بىلمەيدۇ.
بۇ قېتىمقى ھادىسە ‹‹چوڭقۇر سۇ ئۇپۇق سىزىقى›› بۇرغىلاش سۇپىسىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز رايونىدا يۈز بەرگەن. ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئىجارىگە ئالغان ‹‹چوڭقۇر سۇ ئۇپۇق سىزىقى›› بۇرغىلاش سۇپىسىدا بۇ يىل ئاپرېلدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 11 ئىشچى قازا قىلغان ھەم ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.