ئىسپانىيە ‹‹ دۇنيا گېزىتى ›› نىڭ 28–ئاۋغۇستتىكى سانىغا : ‹‹ ئىراق ۋە ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئەسكى پۇرۇچلىرى ›› دېگەن تېمىدا خەۋەر بېسىلدى .
يەھيا قۇببەش ئۆزىنىڭ تىجارەتتە تالانتى بارلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەن ئادەم ، شۇڭا ئۇ ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرى بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئىراقتىن چېكىنىشكە باشلىغاندا ، كىيىم–كېچەك دۇكىنىنى تاشلاپ ، فەللۇجە شەھەر ئەتراپىدىن بىر پارچە بوش يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ئۈستى ئوچۇق كونا مال بازىرى ئاچتى.
بۇنداق ئۈستى ئوچۇق كونا مال بازارلىرى فەللۇجە ، رامادى ، ھەدېسە ، بەللەد ، تىكرىت قاتارلىق شەھەر–بازارلار ئەتراپىدا بارغانسېرى كۆپلەپ پەيدا بولدى . ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئىراقتا سودا قىزىپ كەتتى . ئامېرىكا قوشۇنلىرىدىن قېلىپ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ‹‹ ئەسكى پۇرۇچلار ›› قۇببەش ۋە ئۇنىڭ تىجارەتداشلىرىنىڭ تۈگىمەس بايلىقىغا ئايلاندى .
ھەر كۈنى تۈمەنلەپ ئىراقلىق بۇ كونا ماللار بازارلىرىغا كېلىپ ئۆزىگە ياققان نەرسىلەرنى تاللايدۇ ، بۇ بەئەينى باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋاتقان ماگىزىنلاردا خېرىدارلارنىڭ خۇددىنى يوقاتقان ھالدا قولىغا چىققاننى ئېلىپ مال سېتىۋالغىنىغا ئوخشايدۇ.
مال سېتىۋالغىلى كەلگەن ئەلى جەلىلى : ‹‹ بۇ نەرسىلەرنىڭ سۈپىتى ئىراق بازارلىرىدىكى ماللاردىن كۆپ ياخشى ، باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزان ، ئىراق بازارلىرىدىكى ماللار ئاساسەن ئىران ، تۈركىيە ۋە جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن ›› دېدى . جەلىلى بۇ قېتىم بىر تۆمۈر ئىشكاپنى يارىتىپ قالغانىدى . لېكىن خوجايىن بىلەن بىر پەس سودىلىشىپ بېقىپ ئاخىرى كېلىشەلمىدى . يەنە بىر كونا مال بازىرىدا ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىن تاشلانغان بىر مۇنچە توڭلاتقۇ تىزىپ قويۇلغان بولۇپ ، بۇ بازارنىڭ خوجايىنى ئېسىپ قويغان ئېلانغا : ‹‹ ئامېرىكىنىڭ توڭلاتقۇسى زادى ئوخشىمايدۇ ›› دەپ يېزىلغان . بۇ يەردىكى نۇرغۇن ماللاردىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بەلگىسى ۋە خەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .
يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇ كونا مال بازارلىرىدىن ئامېرىكا قوشۇنلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن بارلىق ‹‹ ئەسكى پۇرۇچلار ›› نى سېتىۋالغىلى بولىدۇ ، ھەرخىل ئۆلچەمدىكى گېنېراتورلار ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان مېتال تاختايلار ، ھەرخىل قول چىراغلار ، نۇسخا ئالغۇ ، ئېلېكتىر تاختىسى ، شامالدۇرغۇچ ، كومپيوتېر زاپچاسلىرى ، تېلېۋىزور ، ئانتېننا ، بالون... قەتتان كەرىمنىڭ تىكرىتتە ئاچقان كونا مال بازىرى ئىراق بويىچە ئەڭ چوڭ بازارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋېۋىسكىسىغا ‹‹ ئالىدىغان نەرسىڭىزنىڭ ھەممىسى بىزدە ›› دېگەن يوغان خەت يېزىلغان .
قۇببەشىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ كونا ماللار ئامېرىكىلىقلاردىن بىۋاستە سېتىۋېلىپ كېلىنگەن ئەمەس ئىكەن . ئۇلار بۇ ماللارنى ئامېرىكا قوشۇنلىرى بىلەن ئالاقىسى بار تۈركىيە ۋە لېۋان شىركەتلىرىنىڭ قولىدىن سېتىۋالىدىكەن . ھەر قېتىم ئامېرىكا قوشۇنى كېتىدىغان چاغدا بۇ كارخانىلار ئىراقتىكى كونا مال بازىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا 5 كۈن بۇرۇن تېلېفون بېرىپ خەۋەر قىلىدىكەن . ئاندىن ئۇلار يۈك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ ماللارنى بېسىپ كېتىدىكەن .
ئامېرىكا قوشۇنلىرىدىن قالغان ‹‹ ئەسكى پۇرۇچلار ›› نى ساتىدىغان بۇنداق بازارلار فەللۇجە ، رامادى قاتارلىق جايلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ، بەزى دىنىي زاتلار : ھەرقانچە بولسىمۇ ، ئىشخالىيەتچىدىن قالغان بۇيۇملارنى سېتىش جائىز بولمايدۇ ، دەپ قارايدىكەن . شۇنداق بولسىمۇ بۇ گەپلەر ئىراقلىقلارنىڭ ئامېرىكا ‹‹ ئەسكى پۇرۇچلىرى ›› غا بولغان ھەۋىسىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن. نۇرغۇن ئىراق ئائىلىلىرى ھەتتا ئامېرىكا قوشۇنلىرىدىن قالغان يۈك ساندۇقلىرىنى سېتىۋالماقتا ، ئۇلار بۇنداق يۈك ساندۇقلىرىنى يا ھاجەتخانا قىلىپ ئۆزگەرتىۋالىدىكەن ياكى تايىنلىق بېزەپ ئۆي قىلىۋالىدىكەن. ئىراقتا بىر ئېغىز ئۆي سېلىشقا 25 مىڭ دوللار كېتىدۇ ، لېكىن بىر يۈك ساندۇقىنى 8000 دوللارغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ ، بىر كونا مال بازىرىدا ئىككى ئايدا 20 يۈك ساندۇقى سېتىلغان . ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئېلان قىلغان ئىستاتېستىكىغا قارىغاندا ، ئامېرىكا قوشۇنلىرى كەم دېگەندە 18مىڭ توننا كونا ئەشىيانى ئىراقلىقلارغا ئاران 1 مىليون دوللارغا سېتىۋەتكەن .