ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىراقتىكى زەنجىرسىمان ئاپتوموبىل پارتلىتىش ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 64 كە يەتتى

2010-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    25 ــ ئاۋغۇست ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسىرە شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى نەق مەيدانى     ئىراقنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە 25 ــ ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بىر قاتار ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمىغا قارىتىلغان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى ھۇجۇمى يۈ
  

    25 ــ ئاۋغۇست ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسىرە شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى نەق مەيدانى

    ئىراقنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە 25 ــ ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بىر قاتار ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمىغا قارىتىلغان زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 64 كە يەتكەن . 272 ئادەم يارىلانغان . بۇ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي قىسىمدىكى ئادەم سانىنى 50 مىڭدىن تۆۋەن قىلىمىز دەپ ئېلان قىلغىنىغا ئەمدى تېخى بىر كۈن بولغاندا يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .  

    نۆۋەتتە ، ھېچقانداق ئورۇن ياكى ئادەم بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولۇپ ، بىراق بۇ قېتىمقى تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمىنى نىشان قىلغان ئىكەن .

    يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ، ئىراقتا تېرورلۇق ۋەقەلىرى كەينى ــ كەينىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ ، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراق ھەربىي قىسمىنى ئامېرىكا تېنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسمىدىن خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تەييارلىقى پۇختا بولمىغان دپ قارىغان .

   

25 ــ ئاۋغۇست ، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسىرە شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى نەق مەيدانى

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!