ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مېكسىكا - ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى مېكسىكا قولتۇقىدىكى ئېقىپ كەتكەن نېفىتنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى بىرلىشىپ باھالايدۇ

2010-يىلى08-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
     خەلق تورى ، 20–ئاۋغۇست خەۋىرى : مېكسىكا شەھىرىدىن كەلگەن خەۋەردىن قارىغاندا ، مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى قۇدۇقىدىن ئاققان نېفىتنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالايدىكەن . بۇ خەۋەرنى
  

     خەلق تورى ، 20–ئاۋغۇست خەۋىرى : مېكسىكا شەھىرىدىن كەلگەن خەۋەردىن قارىغاندا ، مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى قۇدۇقىدىن ئاققان نېفىتنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالايدىكەن . بۇ خەۋەرنى مېكسىكا مۇھىت مىنىستىرلىقى 19–ئاۋغۇست ئېلان قىلغان.

   مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئېلۋىرا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن: ‹‹بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن قانداق قىلىپ مېكسىكا قولتۇقىنىڭ مۇھىتىغا بولغان تۇنجى قېتىملىق باھالاش خىزمىتىنى تەكتۆكۈس تاماملاش توغرۇلۇق بىر تۈرلۈك سىياسىي كېلىشىم تۈزدۇق››. سېنتەبىرنىڭ بېشىدا مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، مۇھىتقا بولغان باھالاش خىزمىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى بېكىتىدىكەن. گەرچە خام نېفىتنىڭ بۇلغىشى مېكسىكىنىڭ خەلقئارا سۇ رايونىغا مەڭگۈ يېتىپ كېلەلمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىن بولسىمۇ، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بۇ ئېھتىماللىق مېكسىكىنىڭ دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ مىنىستىر مېكسىكىنىڭ ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىگە نېفىت ئېقىپ كېتىشنىڭ مېكسىكا دېڭىز رايونىغا كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە تەكشۈرۈش چىقىمىنى تۆلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل ئاپرېل ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت قۇدۇقىنىڭ 1500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يېرىدىن نېفىت ئېقىپ كەتكەن بولۇپ، 4 مىليون 900 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاران توختىتىلغان.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!