ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئالىملىرى يېڭى بىر خىل مىكرو ئورگانىزم مېكسىكا قولتۇقىدىكى ئېقىپ كەتكەن نېفىتنى يۇتماقتا، دېدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 25–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ئالىملىرى يېڭىدىن بايقالغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بۇ بايقاشنى ‹‹ئېلىم– پەن ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان . ئۇ
  

   جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 25–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ئالىملىرى يېڭىدىن بايقالغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بۇ بايقاشنى ‹‹ئېلىم– پەن ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان . ئۇلار بۇ خىل مىكرو ئورگانىزمنىڭ ئىلگىرى بايقىلىپ بولغان تۈر بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ، چۈنكى بۇ ئورگانىزملار سەرپ قىلغان ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ نىسبەتەن ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

   كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوكسىگېن سەۋىيەسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق مېكسىكا قولتۇقىغا ئېقىپ كىرگەن نېفىت مىقدارىنى جەزملەشتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن . بۇ يىل ئاپرېلدا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بىر بۇرغىلاش سۇپىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نېفىت قۇدۇقى يېرىلىپ كېتىپ ، 11 ئىشچى قازا قىلغان ئىدى.

   يېقىندا ، ئالىملار مېكسىكا قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تەخمىنەن %75 نېفىتنىڭ تازىلانغانلىقى ياكى تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان . لېكىن ، گېئورگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جەنۇبىي فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كۆپ قىسىم نېفىتنىڭ يەنىلا مېكسىكا قولتۇقىدا تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!