ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

11 ــ سېنتەبىر ۋەقەسى قورقۇنۇچلۇق چۈشى ئەگىپ كېتەلمىدى ، ئامېرىكا بەش تۈرلۈك ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    2001–يىل 11–سېنتەبىر ، ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۈنگە ئايلاندى . توققۇز يىلدىن كېيىن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنى ئۈمىدگە تولغان ، قورقۇنچ بولمىغان قىلىمەن دەپ قەسەم ب
  

    2001–يىل 11–سېنتەبىر ، ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۈنگە ئايلاندى . توققۇز يىلدىن كېيىن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنى ئۈمىدگە تولغان ، قورقۇنچ بولمىغان قىلىمەن دەپ قەسەم بەردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ھەر قايسى دىنلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى . بىراق يېقىندا يۈز بەرگەن قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ‹‹ قوزغىۋەتتى ›› شۇنداقلا ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ناھايىتى كەسكىن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى ؛ 11–سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن ، ئاففانىستان ۋە ئىراققا جازا يۈرۈشى قىلدى . بىراق ئىش ئويلىغاندەك بولماي ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كېمەيتىۋەتتى ؛ غايەت زور ئۇرۇش چىقىمى ، توختىماي قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتتى .

  1 . ئامېرىكا ‹‹ يالغۇزلۇق كېسىلى ›› گە گىرىپتار بولدى

    11–سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، بۇش ھۆكۈمىتى ‹‹ قورققانغا قوش كۆرۈنەر ›› دېگەندەك ، سىرتقا قارىتا تاق يۆنىلىشلىك سىياسەت ۋە ‹‹ ئالدىن مۇشت كۆتۈرۈش ›› تەك تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەنى قوللىنىپ ، ئاففانىستان ۋە ئىراققا ھۇجۇم قوزغىدى . ئۇلار قوللانغان تاق يۆنىلىشلىك سىياسەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى . ‹‹ يەككە ــ يىگانە ›› بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشكە باشلىدى .

2 . ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخپىيەتلىككە دەخلى تەرۇز قىلدى

 
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خارلاش كۆرۈنۈشى

    11–سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن ، دۆلەت ئىچىدىكى گۇمانلىق ئادەملەرنىڭ تېلېفۇنى ۋە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما خەت ساندۇقىنى نازارەت قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلدى ؛ نەچچە يۈز مىڭلىغان ئاففانىستان ۋە ئىراق خەلقىنىڭ ئائىلىسى خانىۋەيران بولۇپ ، نۇرغۇنلىرى قازا قىلدى ، سەرگەردان بولدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئېچىنىشلىق جەڭ جاراھىتى ئورناپ كەتتى ؛

 2002–يىل ، 10–فېۋرال ، گۇۋانتىنامۇ تۈرمىسىدىكى مەھبۇس

3 . ئامېرىكىلىقلار تېرورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن ‹‹ قورقۇش كېسىلى ›› گە گىرىپتار بولدى

    11 ــ سېنتەبىر ۋەقەسىدە نيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش كۆرۈنۈشى نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلارنى چۆچۈتتى ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەردە ۋەقەدىن كېيىن ئۇخلىيالماسلىق ، قارا بېسىش ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەسلىك ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشىماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئاسارەتلىرى قېلىپ قالدى . قىسمەنلىرى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى ، بەزىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئويىدا بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى . 

4 . غايەت زور ئۇرۇش چىقىمى ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ‹‹ مۇسكۇل كۈچسىزلىنىش ›› كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى

 
ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى گاتىس سۆز قىلماقتا

    ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەل تۆلىدى ، ئۇرۇش باشلىنىپ ھازىرغىچە 4400 دىن ئارتۇق ئادەم ئىراق ئۇرۇشىدا ، 1220 ئادەم ئاففانىستان ئۇرۇشىدا قازا قىلدى . بۇ ئىككى دۆلەتكە بولغان ئۇرۇش چىقىمى بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى . ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى گايتىس ئامېرىكا كېيىنكى قېتىملىق ئىراق ياكى ئاففانىستان ئۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، دېدى . 

 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!