ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇ جىنتاۋ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 24–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 24–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قانات يايدۇرۇپ ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش
  

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 24–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 24–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قانات يايدۇرۇپ ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە ئورتاق تونۇشقا كەلدى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى .

    زۇما ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگودا يېقىندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە كەلكۈن ۋە لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە نىسبەتەن جۇڭگو تەرەپتىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . رەئىس خۇ جىنتاۋ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى .

    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 12 يىلدىن بۇيان ، جۇڭگو–جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى . ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ ، ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . جەنۇبىي ئافرىقا تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىدى . جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن ناھايىتى مىننەتدار . ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ، ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى . خەلقئارا پۇل–مۇئامىلە كىرىزىسى ، كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ، دوھا ئۇچرىشىش سۆھبىتى ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ ياخشى بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى .

    زۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن ناھايىتى ياخشى بولغان مۇناسىۋەتكە ئىگە . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇچرىشىپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق . نۆۋەتتە ، جەنۇبىي ئافرىقا–جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تەرەققىي قىلىپ بولدى . كونكېرت ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ھەر قايسى ساھەلەرنى قاپلىدى . جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى رازى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر