ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئامانلىق ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق زەربە بېرىپ تۈزەش ھەرىكىتى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2010-يىلى08-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  شىنخۇا تورى بېيجىڭ 15-ئاۋغۇسىت تېلىگىراممىسى : 6–ئاينىڭ 22–كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك  ئامانلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇپ قورال–ياراغلارنى يېغىۋېلىش ، ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر، قىمار، زەھەر ›› دىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ جىنايە
  

  شىنخۇا تورى بېيجىڭ 15-ئاۋغۇسىت تېلىگىراممىسى : 6–ئاينىڭ 22–كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك  ئامانلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇپ قورال–ياراغلارنى يېغىۋېلىش ، ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر، قىمار، زەھەر ›› دىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ، جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى نۇقتىلىق رايونلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ مەركەزلىك تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق زەربە بېرىپ تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى خەلق ئاممىسى ئەڭ يىرگىنىۋاتقان ، جەمئىيەت ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئامانلىق ساقلاشتا گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك زەربە بېرىش، تۈزەش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى .

   ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش، قورال–ياراغلارنى يېغىۋېلىش ھەرىكىتى جەريانىدا، ج خ ئورگانلىرى پارتىلىتىش بۇيۇملىرىغا، قورال– ياراققا چېتىشلىق دېلودىن 7010نى تەكشۈرۈپ پاش قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 8070نى  بىر تەرەپ قىلغان، قانۇنسىز ياساپ سېتىش ئۇۋىسىدىن 220نى، شايكىسىدىن 50نى بىتچىت قىلغان، مەملىكەت بويىچە پارتىلىتىش، قورال بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىن %9.8 ۋە %31.4 تۆۋەنلىگەن.

   ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر، قىمار، زەھەر ››دىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، جايلار ئارقا–ئارقىدىن زور بىر تۈركۈم ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر، قىمار، زەھەر ››دىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ جىنايەت دېلولىرىنى پاش قىلغان، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەر، قىمار، زەھەر ››نى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، ھازىرغىچە ئىپپەت–نۇمۇسنى سېتىش ، پاھىشىۋازلىق قىلىش ۋە قىمار ئويناش ئەھۋالى ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ۋە %62.1 تۆۋەنلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن. گۇاڭشى ئاپتونوم رايونى لەي بىن شەھىرى پەۋقۇلئاددە چوڭ توردا قىمار ئويناش دېلوسىنى پاش قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 25 ئادەمنى قولغا چۈشۈرگەن، دېلوغا چېتىشلىق بانكا ھېسابىتىدىن 400دىن كۆپرەكنى قانۇن بويىچە توڭلاتقان.

   ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرگەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى ھەرىكەت جەريانىدا تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن .

  ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق زەربە بېرىپ تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار جەمئىي بەش مىليون 680مىڭ نۇسخا ئۇقتۇرۇش چاپلىغان، تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىيالىدىن 16مىليون 20مىڭ نۇسخا تارقاتقان . ئامما پاش قىلغان ، مەلۇم قىلغان يىپ ئۇچىدىن 3916نى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدىن 2077دېلونى پاش قىلىپ ، بىر مىليون 710مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!