ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

بېيجىڭ–خوتەن ئارىلىقىدا ئايروپىلان بىۋاستە ئۇچۇش ئىشقا ئاشتى

2010-يىلى08-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش       بېيجىڭ شەھىرىدىن كەلگەن يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل ، ليۇ جىنتاۋلار خەۋىرى ، فوتوسى : مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ
  
 
تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
 
 
 
بېيجىڭ شەھىرىدىن كەلگەن يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە

   ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل ، ليۇ جىنتاۋلار خەۋىرى ، فوتوسى : مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، بېيجىڭدىن خوتەنگە بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىلان لىنىيەسى 21–ئاۋغۇسىت ئىشقا كىرىشتى .

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ھاۋا لىنىيەسىدە ھەر دۈشەنبە، پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئايروپىلان بىر قېتىم/كۈن قاتنايدىكەن . جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يەتتە سائەتتە ئومۇمىي مۇساپىنى تاماملايدىكەن ھەم بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدە بىر سائەت توختايدىكەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى لى جىڭشىياڭ: بۇ ھاۋا لىنىيەسى بېيجىڭ بىلەن خوتەننىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى ، ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تېخىمۇ قولايلىق بولغان مۇھىت يارىتىپ بەردى . بۇ لىنىيە خوتەننىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سالدى ، دېدى .

( مۇھەررىر : ئايگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!