ماھىرە ئەركىن خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 19 – نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى 26 – ئاۋغۇست تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك سەيلىنى ئۆتكۈزۈشنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئورمانچىلىق نازارىتى، مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۈستىگە ئالغان. سەيلە مەزگىلىدە ‹‹ بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي ›› — تۇرپان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، 2 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇمدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خاسلىققا ئىگە، مول مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى نامايان قىلىنىدىكەن.