تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ 8–ئاينىڭ 19–كۈنى تېكەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى تېكەس ناھىيەسىدىكى كۆكسۇ تاغ ئېغىزىدىكى قەدىمىي قەبرە توپىنى قوغداش خاراكتېرلىك قېزىش خىزمىتى داۋامىدا ، دەسلەپكى برونزا قوراللار دەۋرىدىكى نۇرغۇن قەبرىلەرنى بايقىغان.
كۆكسۇ تاغ ئېغىزىدىكى قەدىمى قەبرىلەر توپى تېكەس ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 10نەچچە قەدىمى قەبرىنى قازغان ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبرىگە ئانىسى بىلەن قىزى بىرلىكتە دەپنە قىلىنغان ، جەسەت پۇتىنى يىغىپ يېنىچە ياتقان ، تەن تۈزۈلۈشى يوغانراق بولۇپ ، ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.7دىن 1.8مېتىرغىچە ئىكەن . قەبرە ئىچى كەڭتاشا ، قەبرە تېمى رەتلىك ھەمدە ساپال قاچىلار دەپنە قىلىنغان بولۇپ ، تېپىك ئاندىرونوۋۇ قەبرىسى ئىكەن.
شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى رۇەن چيۇرۇڭنىڭ قارىشىچە ، قەبرە ئىچىدىن چىققان بەزى ساپال قاچىلاردىن بۇ قەبرىلەرنىڭ دەۋرى ۋە مەدەنىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاندىرونوۋۇ مەدەنىيىتىگە ، برونزا قوراللار دەۋرىگە تەۋە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكەن . مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ تۇنجى قېتىم تېكەس دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان ئاندىرونوۋۇ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قەبرىستانلىق ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، ئادىرۇنوۋۇ مەدەنىيىتى سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايوننىڭ برونزا قوراللار دەۋرى مەدەنىيىتى ئىكەن، ئۇ ، روسىيەنىڭ ئاچىنسكى ئەتراپىدىكى ئاندىرونوۋۇ كەنتىدىن تېپىلغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان ، دەۋرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2–ئەسىردىن 1–ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋەر ئىكەن ، بۇ مەزگىلدىكى ئادەملەر كۆپىنچە تىك تۆت بۇلۇڭلۇق يېرىم ئۆڭكۈر شەكلىدىكى ئۆيلەردە تۇرغان ، كېيىنكى مەزگىللەردە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىك شەكىللەنگەن.