ئىككى ئالىي باشقۇرغۇچى ئايال سوتلاندى
قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹رەڭدار كۆك ئاسمان››دەپ ئاتالغان كارخانا مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا %50 ھەتتا %100لىك يۇقىرى ئۆسۈمگە ۋەدە بېرىپ ، 400دىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچىنىڭ 160مىليوندىن كۆپرەك مەبلەغ پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان .
18–ئاۋغۇسىت چۈشتىن بۇرۇن ، بۇ قانۇنسىز زاپاس پۇل قوبۇل قىلىش دېلوسىغا بېيجىڭ خەيدەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى . ‹‹رەڭدار كۆك ئاسمان›› نىڭ باش دىرېكتورى ليۇ xx ۋە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چىن xx سوتقا تارتىلدى .
ئەيىبلىگۈچى ئەيىبنامىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن ، ليۇ xx ۋە چىن xx لەر جىنايىتىنى تونىغان بولسىمۇ ، لېكىن قانۇنسىز قوبۇل قىلغان پۇلنىڭ پەقەتلا 6 مىليون ۋە 2 مىليون يۈەن ئىكەنلىكىنى ، ئەيىبنامىدىكى 100 مىليوندىن ئارتۇق قانۇنسىز پۇلىنىڭ ئاساسلىقى شېركەتنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى دەپ تۇرۇۋالدى.
2006–يىلى 10–ئايدىن 2009–يىلى 6–ئايغىچە ، ‹‹رەڭدار كۆك ئاسمان›› كارخانا مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋەن xx (قېچىپ يۈرمەكتە) ، باش دىرېكتورى ليۇ xx ۋە مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن xx لەر بىلەن بىرلىشپ خەيدەن رايونىدا يۇقىرى سوممىدا ئۆسۈم قايتۇرۇش بىلەن باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆپەيتىپ ، 400 دىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچىنىڭ جەمئىي 160مىليون يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلى ، 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ، 50 مىڭ شياڭگاڭ پۇلىغا ئېرىشكەن .