
ماتېرىيال سۈرەت
فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بىر توپ ساقچى فورمىسى كىيگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار 26 ــ ئاۋغۇست سەھەردە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئالدىنى توساپ ، يولۇچىلارنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىغان ھەمدە ئىككى ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .
فىلىپپىننىڭ ساقچى تەرەپ باياناتچىسى كىرۇس قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئاپتوبۇسنى كۆيدۈرىۋېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ، ئىككى ساقچى ، ئاپتوبۇس شوپۇرى ۋە ئاپتوبۇس خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان .
ساقچى تەرەپ ھازىر قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇش مۇددىئاسى ۋە سالاھىيىتىنى ئېنىقلاۋاتقان بولۇپ ، ئاپتوبۇستىكى بىر قىسىم يولۇچىلار : قوراللىق ئۇنسۇرلار يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىدىن رازى ئەمەستەك قىلىدۇ ، دېگەن .
بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ، 21 نەپەر شياڭگاڭلىق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇس فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ ، تۇتقۇن قىلىنىپ 10 سائەتتىن كېيىن ، فىلىپپىن ساقچى تەرەپ ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، قارانىيەتلەرنى بويسۇندۇرغان . بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە شىياڭگاڭلىق سەككىز ساياھەتچى قازا قىلغان ، ئىككىسى ئېغىر يارىلانغان ، بەشى يىنىك يارىلانغان .