ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران ئۈچىنچى ئەۋلاد ‹‹ بويسۇندۇرغۇچى ـــ 110 ›› ناملىق راكىتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
  ئىران ئىشلەپچىقارغان ‹‹ بويسۇندۇرغۇچى ـــ 110 ›› ناملىق راكىتا      25 ــ ئاۋغۇست ئىران دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يەر ــ يەر باشقۇرۇلىدىغان راكىتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .     ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاھىدى ئىران تەرەپنىڭ بۇ
  
 
ئىران ئىشلەپچىقارغان ‹‹ بويسۇندۇرغۇچى ـــ 110 ›› ناملىق راكىتا

     25 ــ ئاۋغۇست ئىران دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يەر ــ يەر باشقۇرۇلىدىغان راكىتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .

    ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاھىدى ئىران تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەن ئۈچىنچى ئەۋلاد ‹‹ بويسۇندۇرغۇچى ـــ 110 ›› ناملىق راكىتاغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كونتىرول قىلىش سېستىمىسىنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : بۇ خىل قاتتىق جىسىمنى يېقىلغۇ قىلىدىغان راكىتانى ئىران ئاۋىئاتسىيە سانائىتى تەشكىلاتى ياسىغان بولۇپ ، 25 ــ ئاۋغۇست تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سىناق قىلدى . ۋاھىدى يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد راكىتانىڭ ئەڭ دەسلەپ ياسالغان راكىتاغا قارىغاندا ، ئېتىلىش مۇساپىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىغانلىقىنى ئېيتقان ، بىراق ئۇ نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان .

    ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ بويسۇندۇرغۇچى ـــ 110 ›› ناملىق راكىتانىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 193 كېلومېتىر ئارىلىقتىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدىكەن .

    ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى 25 ــ ئاۋغۇست ۋاھىدىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ : يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كونتىرول سېستىمىسىنى سەپلەش ئارقىلىق نىشانغا ناھايىتى توغرا زەربە بەرگىلى بولىدۇ ، دېگەن . ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد راكىتانىڭ ئېتىلىشىدىن تارتىپ نىشانغا تەگكىچە بولغان كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغان . خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ خىل راكىتانىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز مېتىر ، ئېغىرلىقى ئۈچ يېرىم توننا كېلىدىكەن .

ئىران ئىشلەپچىقارغان ‹‹ بويسۇندۇرغۇچى ـــ 110 ›› ناملىق راكىتا

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!