ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئاققان قۇدۇقنى ئاخىرقى ھىم ئېتىش خىزمىتى كاشىلا سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   جۇڭگو ئاخبارات تورى، 26 - ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى بۇ شىركەتنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى بۇزۇلغان نېفىت قۇدۇقىنىڭ بىر كونا بۇرغا تۇرۇبىسىنى چۇۋۇۋاتقاندا چاتاق چىقىپ ،
  

   جۇڭگو ئاخبارات تورى، 26 - ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى بۇ شىركەتنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى بۇزۇلغان نېفىت قۇدۇقىنىڭ بىر كونا بۇرغا تۇرۇبىسىنى چۇۋۇۋاتقاندا چاتاق چىقىپ ، ئاخىرقى ھىم ئېتىش خىزمىتىنىڭ ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلگەن .

   ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل خادىمى، ھەربىي قىسىمدىن چېكىنگەن دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ئاللېن 25 - ئاۋغۇست مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كېرەكسىز تۇرۇبا ئىچىدىكى ماي ئارىلاشما ماددىلىرى كۆرۈنۈش دەرىجىسىگە توسقۇنلۇق قىلغاچقا، بۇ خىزمەت بىر يېرىم كۈندەك كېچىكتۈرۈلدى .

   ئاللېن يەنە مۇنداق دېدى : بۇ بۇرغا تۇرۇبىسى چۇۋۇۋېتىلىشى كېرەك ، شۇنداق قىلغاندا ھازىرقى ئېتىلىپ چىقىشنى توسىدىغان ئۈسكۈنىنى ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ . ئېتىلىپ چىقىشنى توسىدىغان بۇ ئۈسكۈنە نېفىت قۇدۇقىنىڭ چوققىسىغا ئورنىتىلغان چوڭ تىپتىكى كلاپان بولۇپ، مۇشۇ جۈمە كۈنى ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!