كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ سۈرىتى
چىلىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى مانارىچ 25 ــ ئاۋغۇست ، سان خوسېدا يۈز بەرگەن مىس كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ نەچچە ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاللىقاچان بۇ خەۋەرنى قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى .
مانارىچ 25 ــ ئاۋغۇست يەنە قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىنى 18 ــ سېنتەبېردىكى چىلىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىدىن بۇرۇن قۇتقۇزۇشقا ئامال بولمىغاچقا ، بىز روژدېستۋو بايرىمىدىن بۇرۇن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىشنى پىلان قىلدۇق ، دېدى .
چىلىدىكى بىر ئەمەلدار مۇنداق دېگەن ، ئۇلار ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ خەۋەرنى قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىغا ئېيتتى . مانارىچ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى : بىز بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزگىنىمىزدە كان ئىشچىلىرى ناھايىتى ئېغىر ــ بېسىق بولدى ، بىراق ئۇلار كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئۈمىدسىزلىنىشى ، ئازابلىنىشى ، ھەمدە مۇھىتقا ماسلىشالماسلىقى مۇمكىن .
چىلىنىڭ شىمالىدىكى ئاتاكاما قۇملۇقى سان خوسې مىس كېنىدا 5 ــ ئاۋغۇست گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 33 نەپەر كان ئىشچىسى 700 مېتىر كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ ، قۇتقۇزۇش قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ .
قۇتقۇزغۇچى خادىملار 22 ــ ئاۋغۇست دىئامېتىرى 15 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك تۆشۈك ئېچىپ ، قاپسىلىپ قالغان كان ئىشچىلىرىغا سىمسىز ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى يەتكۈزۈپ بېرىپ ، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغان .
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە-ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى چىلى ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت ھايات تۇرالىشىدىكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە چارە ــ تەدبىر كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان .