ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شەنشى ئۆلكىسى پۇشەن ناھىيەلىك كۆمۈرچىلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خاۋ پىڭجۈنگە 2-سوتتا 20يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

2010-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   شىنخۇا تورى ، تەييۈەن 30–ئاۋغۇسىت تېلېگراممسى : شەنشى ئۆلكىسى لىن فىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 30–ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، پۇشەن ناھىيەلىك كۆمۈرچىلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خاۋ پىڭجۈنگە بېرىلگەن 2–سوت ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسى
  

 

 

   شىنخۇا تورى ، تەييۈەن 30–ئاۋغۇسىت تېلېگراممسى : شەنشى ئۆلكىسى لىن فىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 30–ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، پۇشەن ناھىيەلىك كۆمۈرچىلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى خاۋ پىڭجۈنگە بېرىلگەن 2–سوت ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى . نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خاۋ پىڭجۈنگە مۇددەتلىك 20يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى . خاۋ پىڭجۈننىڭ ئايالى يۈ شىياڭتىڭگە مۇددەتلىك 13يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ ، قوشۇمچە 50مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى .

   بۇ يىل 4–ئاينىڭ 15–كۈنى ، خاۋ پىڭجۈنگە شەنشى ئۆلكىسى پۇشەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 1–سوتتا مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ، ئۇنىڭ ئايالى يۈ شىياڭتىڭغا مۇددەتلىك 13يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. خاۋ پىڭجۈن ئەر–ئايالغا 170مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان ئىدى . سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، خاۋ پىڭجۈن قاتارلىقلار نارازىلىق ئەرزى سۇندى .

   لىن فىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2–سوتتا پۇشەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1–سوت ھۆكۈمنىڭ بىر قىسمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ ، بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى . جاۋابكار ئورۇن پۇشەن ناھىيەلىك چىڭ نەنلىڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باجدىن قېچىش جىنايىتى ، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ–سېتىش جىنايىتىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ ، 98مىليون 600مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى ، 18مىليون 718مىڭ باجدىن قېچىش پۇلىنى تۆلەتكۈزدى . جاۋابكار خاۋ پىڭجۈن تۆلىگەن 480 مىڭ يۈەننى ساقلاپ قالدى . نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى خاۋ پىڭجۈننىڭ باجدىن قېچىش جىنايىتى ، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ–سېتىش جىنايىتى ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتى ، خىيانەتچىلىك جىنايەتچىلىرىگە قارىتا ، ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلىپ ، مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى ، 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلدى . نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى يۈ شىياڭتىڭنىڭ باجدىن قېچىش جىنايىتى، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ–سېتىش جىنايەتلىرىگە قارىتا، ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ ، مۇددەتلىك 13يىللىق قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى ، 50مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلدى . نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى يۈ شىياڭتىڭنىڭ ئىنىسى يۈ شىياۋخوڭنىڭ باجدىن قېچىش جىنايىتى، پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ–سېتىش جىنايەتلىرىگە قارىتا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىپ، مۇددەتلىك 12يىللىق قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى، 30مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلدى .

   2–سوت ، ئەسلى ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خاۋ پىڭجۈننىڭ پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ–سېتىش جىنايىتى ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتى، خىيانەتچىلىك جىنايەتلىرى ، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى يۈي شىياڭتىڭ ، يۈ شىياۋخۇڭنىڭ پارتىلىتىش بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ–سېتىش جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق ، تەرتىپى قانۇنلۇق، ساقلاپ قېلىش كېرەك . نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى خاۋ پىڭجۈن ، يۈ شىياڭتىڭ ، يۈ شىياۋخۇڭلارغا بېكىتىلگەن باجدىن قېچىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىنىشى توغرا بولغان، ئەمما باجدىن قېچىش جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلغان جەرىمانە سوممىسى مۇۋاپىق بولمىغان ، تۈزىتىش كېرەك ، دەپ قارىدى .

   پۇشەن ناھىيەلىك رېۋىزىيە ئىدارىسى خاۋ پىڭجۈننىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قىلغان كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، تۆلەتكۈزۈپ دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇردى .

( مۇھەررىر : لالە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر