ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خېبېي جاڭجياكودىكى 500 يىللىق قەدىمىي قورغان قوغدىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرىدىكى قورغاندىن بىر كۆرۈنۈش    خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرىدىكى قورغان بولسا ، ئىلگىرى سەددىچىن سېپىلى چېگرا سىزىقىدىكى قىسىم تۇرۇشلۇق مۇھىم قورغان بولۇپ، كېيىن ئاۋات سودا بازىرىغا ئايلانغان. 580 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قورغاند
  

خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرىدىكى قورغاندىن بىر كۆرۈنۈش

   خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكو شەھىرىدىكى قورغان بولسا ، ئىلگىرى سەددىچىن سېپىلى چېگرا سىزىقىدىكى قىسىم تۇرۇشلۇق مۇھىم قورغان بولۇپ، كېيىن ئاۋات سودا بازىرىغا ئايلانغان. 580 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قورغاندا 100 دىن ئارتۇق بۇتخانا، سەررەپخانا خارابىسى ۋە چاسا قورۇ ساقلانغان. 2009 - يىلىدىن باشلاپ، جاڭجياكو شەھىرى چياۋشى رايونى مەبلەغ جۇغلاپ قورغاننى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، بايلىق ئىلاھى بۇتخانىسى، دىڭ جياڭجۈن مەھكىمىسى خارابىسى، چاخار ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى خارابىسى، مەرىپەت راۋىقى، ئاسمان ئىلاھى راۋىقى قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە ئورۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن رېمونت قىلىنىپ بولغان .

قورغاندىكى بىر چاسا ھويلىنىڭ تېمىدىكى نەپس ئويما گۈللەر

27 - ئاۋغۇست، كىشىلەر قورغاننى ساياھەت قىلماقتا

27 - ئاۋغۇست، رېمونتچىلار قورغاندىكى دىڭ جياڭجۈن مەھكىمىسىدە قۇرۇلۇش قىلماقتا

27 - ئاۋغۇست، بالىلار قورغاندا ئوينىماقتا

27 - ئاۋغۇست، كىشىلەر شىمالىي قورغاندىن چىقماقتا.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر