ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

يىچۈندىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىدە 42 ئادەم قازا قىلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   شىنخۇا تورى خىيلۇڭجىياڭ يىچۈن 25–ئاۋغۇسىت تېلېگراممىسى : يىچۈن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەيۋىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يىچۈندىكى ‹‹24–ئاۋغۇست›› يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىدە 42 ئادەم قازا قىلغان ، 54 ئادەم يارىلانغان . بۇنىڭ ئىچىدە 7 ئادەمنىڭ
  

   شىنخۇا تورى خىيلۇڭجىياڭ يىچۈن 25–ئاۋغۇسىت تېلېگراممىسى : يىچۈن شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەيۋىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يىچۈندىكى ‹‹24–ئاۋغۇست›› يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىدە 42 ئادەم قازا قىلغان ، 54 ئادەم يارىلانغان . بۇنىڭ ئىچىدە 7 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن . نۆۋەتتە ، يارىلانغانلار يىچۈن شەھىرىدىكى تۆت دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ .

   24–ئاۋغۇسىت سائەت 21دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە ، خاربىندىن يىچۈنگە قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى يىچۈن لىندۇ ئايرودرومى ئەتىراپىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان . ئەينى ۋاقىتتا ئايروپىلاندا جەمئىي 96 ئادەم بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 91نەپىرى يولۇچى ، 5 نەپىرى ئايروپىلان خادىمى ئىكەن .

   25–ئاۋغۇست سەھەر سائەت 6:15 دە ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئۈچ دانە دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئاپتوموبىلىنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كېلىپ ، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى يۆتكەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، جەسەتلەر دەپنە ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ جەسەتلەرنى تونۇۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىلىدىكەن .

( مۇھەررىر : لالە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر