نۇرئەخمەت نۇرامبەگ

قەشقەر ئۇزۇن تارىخقا ، پارلاق مەدەنىيەتكە ، قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەت پۇرىقىغا ئىگە قەدىمىي شەھەر . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى سىياسىي ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى ، قاتناش تۈگۈنى . قەشقەر شەھىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 554.8 كىۋادرات كىلومېتىر ، ئومۇمىي نوپۇسى 580 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ھېسابلىنىدۇ.
كىشلەر دائىم ‹‹قەشقەرگە بارمىسا ، شىنجاڭغا بارغان ھېسابلانمايدۇ›› دىيىشىدۇ . ئەمەلىيەتتىمۇ قەشقەرنى شىنجاڭنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دېيىشكە بولىدۇ . قەشقەردىكى تارىخى ئىزنالار ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ، مەدەنىيەت خاسلىقىنى شىنجاڭنىڭ باشقى جايلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا قەشقەردىن ئىبارەت ‹‹قەدىمىي يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت›› نۆۋەتتە‹‹دۆلەت دەرىجىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر››، ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك تارىخى مەدەنىيەتلىك شەھەر››، ‹‹جۇڭگودىكى مەشھۇر ساياھەت شەھىرى›› ناملىرىغا نائىل بولۇپ، جۇڭگودىكى داڭلىق خەلقئارالىق ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى .
يېقىندا مەن ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان 2010 – يىللىق تەكلىپلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قەدىمىي يۇرتتا زىيارەتتە بولۇش پۇرستىگە ئېرىشتىم . زىيارەت داۋامىدا، قەشقەرنىڭ تارىخى مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات گىرەلەشكەن ئۆزگىچە مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىللە ئۆزگىچە تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.
كونا شەھەر رايونىدىكى زور ئۆزگىرىش

قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى 65 مىڭ ئائىلىلىك، 221 مىڭ نوپۇسنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىشلىق زور ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى . مەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەركەزدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونغىچە ھەممە كىشىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقىنى تېلېۋىزور ۋە گېزىتلەردىن كۆرگەن. بۇ قېتىم مەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ قان تەر ئاققۇزغانلىقىنى ھېس قىلدىم .
ئۇقۇشۇمچە، قەشقەر كونا شەھەر رايونى 28 رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 8.36 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن، بۇ رايوندا ئاھالىلەر ناھايىتى زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەركىزى رايوندىكى قۇرۇلۇش زىچلىقى %70تىن ئاشىدىكەن. قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى 2008 – يىلى 6 – ئايدا رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش›› تەلىپى بويىچە، قۇرۇلۇشىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، شەھەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆيى ئۆزگەرتىپ سېلىنىدىغان ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆزگەرتىپ سېلىش سىياسەتلىرى ، ئۆي سېلىش تولۇقلىما ياردىمى ئۆلچىمى ، ئۆزگەرتىش شەكلى قاتارلىقلارنى ئاممىغا ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ . ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن بىردىن لايىھە خەرىتىسى سىزىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ‹‹ئەلرازى قۇرۇلۇشى، خاتىرجەملىك قۇرۇلۇشى، رازىمەنلىك قۇرۇلۇشى، مىننەتدارلىق قۇرۇلۇشى››غا ئايلاندۇرۇپتۇ. بۇلتۇر بىر يىلدا كونا شەھەر رايونىدىكى 4817 ئائىلىنىڭ 399 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق خەتەرلىك ئۆيى چېقىلىپ، 8623 ئائىلىنىڭ 600 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆيى يېڭىدىن سېلىنىپتۇ ياكى ئۆزگەرتىپ سېلىنىپتۇ، 3434 ئائىللىك يول، سۇ، توك، پار، تەبىئىي گاز، تېلېفون، سىملىق تېلېۋىزور قاتارلىق ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. بۇ يىل يەنە 1 مىليارد 587 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 10 مىڭ 799 ئائىلىنىڭ 1 مىليون 217 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.
مەن زىيارەت داۋامىدا بۇ قۇرۇلۇش ئالدىن ئېلىپ بېرىلغان كونا شەھەر رايونى تەشتەك بازىرى مەھەللىسىنىڭ ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى قايناق سودا كەيپىياتىنىڭ قايتىدىن جانلانغانلىقىنى، مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا يېڭىدىن بېزىلىپ، ئىلگىرىكىدىنمۇ جەلپكار بولۇپ كەتكەنلىكىنى، يوللارنىڭ كېڭەيتىلىپ، ئازادە تۈسكە كىرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەمدە تەشتەك بازىرىدىكى ئىبرايىم سەمەتنىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان ئۆيىدە زىيارەتتە بولدۇم . ئىبرايىم سەمەت: بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىز بولۇپ، ئۈچ ئەۋلاد مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ كەلگەچكە، ئۆيىمىز كونىراپ كەتكەنىدى . بىز بىر ئائىلە كىشلىرى ئىجارىكەشلىككە تاينىپ جان باقاتتۇق، بۇ نۆۋەت ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ، ئۆينىڭ لايىھە خەرىتىسىنى بىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە ھەقسىز سىزغۇزۇپ، كونا ئۆينىڭ ئورنىغا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ 16 ئېغىزلىق ئۆي سېلىپ بەردى، ئۆي ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتتى، قالغان بېزەش ئىشلىرىنى ئۆزىمىز پۇل چىقىرىپ قىلدۇق، ھازىر 10 ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە بەردىم، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش خىراجىتىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، ھازىر ئۆيدە يۇندا يولى، تەبىئىي گاز، تېلېفون، سىملىق تېلېۋىزور قاتارلىق ئەسلىھەرلەر تولۇق، ئىلگىرىكىدىن كۆپ قولايلىق بولۇپ كەتتى، دېدى.

مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە نۇرغۇن كىشلەر ئىككىلىنىپ، ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلماپتۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا – قايتا خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئۆيى ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، ئۇلارغا يېڭىدىن يەر خېتى بېجىرىپ بېرىلگەندىن كېيىن، كىشلەرنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئېشىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ياخشى ئاساس سېلىنىپتۇ.
مەن كونا شەھەر رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدا خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ۋە تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىگە يېڭىلىق، خەلقنىڭ تۇمۇشىغا زور قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم.