ئامېرىكا «ۋول كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 4-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، پاي ئىلاھى باففېت بىلەن يۇمشاق دىتال ئىجادچىسى گايتىسنىڭ باشچىلىقىدا، 40 نەپەر ئامېرىكىلىق مىلياردېر ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ يېرىمىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە ئىئانە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
باففېت بىلەن گايتىس ئەر-ئايال كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ كەينىگە چېكىنىش ئەھۋالىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان تەسىرىنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، 2008-يىلى يۈز بەرگەن مالىيە كرىزىسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېرىلىدىغان پۇلىنىڭ مىقدارى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كەتكەن. پۇلدارلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىمۇ ئانچە ياخشى بولماي قالغان ئىدى.
ئۈچەيلەن 6-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى 70-80 مىليادېر بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ پىكىرلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشقا ئۈندىگەن. باففېت ئۆزىنىڭ بۇ توغرىسىدا تەييارلىقىنىڭ تېخى پۈتمىگەنلىكىنى، ئوچۇق-ئاشكارە تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەير-ساخاۋەت سوممىسىنىڭ دەرھال ئاشىدىغانلىقىنى، تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت، باشقىلارنىڭمۇ سېخىيلىق بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا جەمئىيىتى كىشىلەرنى دائىم ئىئانە توپلاشقا ئۈندىگەن بولۇپ،ھەربىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ يىللىق ئىئانە قىلغان ئوتتۇرىچە قىممىتى 5000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بىراق ئىئانە ئىشلىرى بۇرۇندىن يوشۇرۇن ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم باففېت بىلەن گايتىس مىليادېرلارنى ئىئانە توپلاپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارە بۇ پائالىيەنى ئىلىپ بارغان ئىكەن.
باففىت 4-سېنتەبىر يەنە مۇنداق دېدى: «مەن گايتىس بىلەن بىللە نەچچە ئايدىن بېرى جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىكى پۇلدارلار بىلەن ئىئانە ئىشلىرىدا سۆھبەتلەشتىم. شۇنداقلا ئۇلارنى ئىئانە قىلىشقا ئۈندىدىم. بىز ئامېرىكىنىڭ ئىئانە توپلاش ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتكە تارقىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز» .
بىر قىسىم خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە بەرگۈچىلەر
گايتىس ئەر-ئايال (يۇمشاق دېتال ئىجادچىسى): 53 مىليارد دوللار
باففېت (پاي چېك ئىلاھى): 47 مىليارد دوللار
بولۇمبورگ (نىيۇيورك شەھەر باشلىقى) : 18 مىليارد دوللار
چېن سوڭ شىيوڭ (دورىگەرلىك ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس) : 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
پىكنىس (ئىنىرگىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس) : 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!