

ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : 20–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى 10–سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ .
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ماشۆفىڭ
ئىگىلىنىشچە ، 20–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمى مەزگىلىدە يەتتە چوڭ تۈر بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شۆفىڭ 6–سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى ئېلىمىز يېمەك–ئىچمەك كەسپىنىڭ تەنتەنىلىك يىغىنى ، بىز چوقۇم بۇ ‹‹ ئىككى بايرام ›› نىڭ شەھىرىمىزنىڭ يېمەك–ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان رولىنى تولۇق تونۇپ ، ‹‹ ئىككى بايرام ›› نى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس جەلىپكارلىقىنى ۋە مول مىللىي يېمەك–ئىچمەك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ مەملىكەت ۋە دۇنيادىكى تەسىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىشكە تىرىشىمىز .

جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى ئېلىمىزدىكى مۇھىم بايراملارنىڭ بىرى بولۇپ ، ‹‹ جۇڭگو ئاشپەزلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى ›› دېگەن نامى بار . بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەر چەك تارتىش ئارقىلىق سايلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ ، ھەرقايسى جايلار نۆۋەتلىشىپ ئۆتكۈزىدىكەن . 2009–يىلى ئاپرىلدا ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ، ئۈرۈمچى ، چۇڭچىڭ ۋە كۈنمىڭ قاتارلىق شەھەرلەر 20–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ ، ئاخىرىدا ، ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹ جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەركىزى ›› دېگەن ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن .