تېررورلۇق، زوراۋانلىققا چېتىشلىق ئېغىر زوراۋان جىنايەتچىلەرگە ۋاقىتدا، ئۈنۈملۈك قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئاممىنى ئېغىر زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى:
1. تېررورلۇق، زوراۋانلىققا چېتىشلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنىي بۇرچى. ھەر مىللەت ئامما جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىشى كېرەك.
2. ھەر مىللەت ئامما قانۇنسىز قورال – ياراغ، ئوق – دورا، پارتلاتقۇچ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە باشقا ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ياساش، سېتىش، سېتىۋېلىش، يۆتكەش، پوچتىدىن ئەۋەتىش، ساقلاش قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى دېلولىرىغا دائىر يىپ ئۇچىنى ئاغزاكى، يازما، تېلېفون، ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يەرلىك ج خ ئورگانلىرىغا پاش قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگانلىرى پاش قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتىدۇ ھەم پاش قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.
3. تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا چېتىشلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلغان ۋە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، 10 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلايدۇ.
4. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جىنايەتچىگە قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا يېنىكلىتىلىدۇ؛ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم باشقا جىنايەتچىلەرنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر يېنىك جازالىنىدۇ ياكى جازا بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايىتىنى ئىقرار قىلمىغانلارغا جىنايىتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان قانۇن بويىچە قاتتىق جازا بېرىلىدۇ.
5. جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغان، يوشۇرغانلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
6. بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ، ئۇقتۇرۇشنى چۈشەندۈرۈشكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خ خ نازارىتى مەسئۇل.
پاش قىلىش تېلېفونى: 110
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى
2010 – يىل 8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
مەنبە؛http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-08/29/content_98054.htm