ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى فوتوسى : 20 –نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشپەزلەر بايرىمى ھەمدە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە تائاملار مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11 –سېنتەبىر ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى .
ئىگىلىشىمچە ، بۇ پائالىيەت 11 – سېنتەبىردىن 13 – سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچى ‹‹قىزىلتاغ››تەنتەربىيە سارىيى، ‹‹قىزىلتاغ››باغچىسى قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائاملار كۆرگەزمىسى، 2010 – يىللىق جۇڭگو يېمەك – ئىچمەك كەسپى يەرمەنكىسى، جۇڭخۇا ئاشپەزلىك تېخنىكىسى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى، جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائاملار ئىجادىيەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، جايلاردىن كەلگەن قابىلىيەتلىك ئاشپەزلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ، ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدىكەن .
