
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ، پراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئاينۇرە ھىمىت خەۋىرى ، فوتوسى : 14–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كۆرگەزمە زالىنىڭ ئالدى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى . كۆرگەزمە زالىنىڭ سىرتىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر توپلىشىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن بولۇپ ، چوڭلارمۇ ، يىگىت–قىزلارمۇ ، ئىستۇدېنت ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى . يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر زال ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقان بولۇپ ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى . بىزمۇ تەرەپ ــ تەرەپتىن زال ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە ئەگىشىپ كۆرگەزمە زالىغا قاراپ ماڭدۇق .


بۈگۈن بۇ يەردە قەشقەر سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قەيسەر ھېسامىدىننىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، بىز كۆرگەزمە ئىچىگە كىرگىنىمىزدە كىشىلەر ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتاتتى . سائەت 10:00 ئەتراپىدا ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى . كۆرگەزمىگە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە قەشقەر سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى ، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى ، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئابدۇكېرىم نەسىردىن ، ئابدۈشۈكۈر كېرىم كۆك ، زورەم ياسىن ، يالقۇن غازى قاتارلىق ئاتاقلىق رەسساملار ، نەشىرىيات ، ئاخبارات خادىملىرى ، ئوقۇغۇچىلار بولۇپ نەچچە يۈز ئادەم قاتناشقان بولۇپ ، قەيسەر ھېسامىدىننىڭ كەسىپداشلىرى ، دوستلىرى ، تونۇش–بىلىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى . رىياسەتچى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىننى سۆزگە تەكلىپ قىلغاندا ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئۆزىنىڭ ھازىر چەكسىز ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى : قەيسەر ھېسامىدىن مەسئۇلىيەتچان ياش رەسسام ، مەن ئۇنىڭدىكى بەدىئىي دىتنى ئۇنىڭ ‹‹ قەشقەر كوچىلىرى ›› نامىدىكى دەسلەپكى ئىجادىيەتلىرىدىن بايقىغان ئىدىم . مانا ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ‹‹ قەشقەر تەسىراتلىرى ›› نامىدىكى شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتىمەن ، مەن ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىدىن قەشقەرنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم ھەمدە خاسلىقنى قەدىرلەيدىغان ئىجتىھاتلىق بىر رەسسامنىڭ رەسمىي قاتارغا قېتىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن زال ئىچىنى گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى . ئارقىدىن رىياسەتچى قەيسەر ھېسامىدىننى سۆزگە تەكلىپ قىلدى ، قەيسەر ھېسامىدىن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتى داۋامىدا قەشقەر كوچىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئارىلاپ چىقىدىغانلىقىنى ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى كىشىلەرگە سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن ، بۇ ئەجىر ئىگىسىگە ئۆزىنىڭ تېلىكىنى بىلدۈرىدىغان قەيسەرنىڭ دوستلىرى ، خىزمەتداشلىرى ئۇنى دەستە–دەستە گۈلدەستىلەرگە ‹‹كۆمۈۋەتتى ›› .

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ، بىز قەيسەر ھېسامىدىننى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى : مەن 2001–يىلدىن باشلاپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن ، بۇ جەرياندا خىلمۇ خىل ئوڭۇشسىزلىق ، جاپالارغا يولۇقتۇم ، لېكىن بەل قويۇۋەتمىدىم ، ھامان مانا بۈگۈنكىدەك كۈننىڭ كېلىدىغىنىغا ئىشىنەتتىم . مانا بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى ، مېنىڭ بۇ سىزغان رەسىملىرىمدە قەشقەر كوچىلىرى ، قەشقەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىم رىئاللىق بىلەن چىڭ باغلانغان . مېنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىممۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق كىشىلەرنى قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى تېخىمۇ بىلىشكە ، چۈشىنىشكە يېتەكلەش . مەن ئۆزۈمنى دەسلەپكى نىشانىمغا يەتتىم دەپ ئويلايمەن ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن .

ھەقىقەتەن ئۇنىڭ 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىزغان شۇنداقلا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان بۇ 53 پارچە ماي بوياق ئەسەرلىرىدە چىن رىئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، قۇرۇلما شەكىللىرى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان ، مەركىزىي نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن ، ئىسسىق–سوغۇق رەڭلەر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان ، شۇنداقلا بىز بۇرۇن ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە ياكى كۆرۈشكە ئىنتىلىدىغان قەشقەر كوچىلىرى رەسىم ئارقىلىق ئەينەن نامايان قىلىنغانىدى . بىز ئۇنىڭ رەسىملىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ ، قەشقەرگە بېرىپ كەلگەندەك ھېسىياتتا بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق . گەرچە بىز ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك سۆھبەتلىشىش نىيىتىدە بولغان بولساقمۇ ، بىراق ئۇنىڭ رەسىم ھەۋەسكارلىرى بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى ئۈزۈپ قويغانىدى ، پەقەت ئامال بولمىغاچقا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە خوشلاشتۇق .