قەشقەر شەھىرىدە 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەبرىكلەندى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : 7–سېنتەبىر ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى قەشقەر پەن–تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانى قەشقەر يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق يىغىن چاقىرىپ ، 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە قەشقەر شەھەرلىك 10–باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق 10 ئىلغار كوللېكتىپ ، پاختەكلە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى سادىرجان مۇھەممەد قاتارلىق 35 نەپەر مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى ، 68 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە 51 نەپەر مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرىنى تەقدىرلىدى.
يىغىندا ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شەھەر باشلىقى مەمتىمىن بەكرى شەھەرنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى ھەمدە شەھەردىكى ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرى ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىي پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ ، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىپ ، خەلق رازى بولغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىنغا ، شەھەرگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا–بازار ، كوچا باشقارما، ئىدارە–ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ، يەسلىلەرنىڭ مەسئۇللىرى ، ئىلغار كوللېكتىپ ، شەخسلەر بولۇپ 700 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

شەھەر باشلىقى مەمتىمىن بەكرى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەرمەكتە

ئىلغار كوللېكتىپلار سەھنىدە

مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار سەھنىدە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خالىدە ئىنايەت خەۋىرى ، فوتوسى: قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتى 8–سېنتەبىر مەملىكەتلىك 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىپ ، 57 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ، ئىلغار سىنىپ مۇدىرى ۋە ئىلغار باشقۇرغۇچىنى تەقدىرلىدى .

ئىلغارلار تەقدىرلەنمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى ، فوتوسى: 10–سېنتەبىر ، 26–قېتىملىق مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايرام يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ، بۇ قۇتلۇق بايرامنى تەبرىكلەشتى . ئوقۇغۇچىلارمۇ گۈل ، خاتىرە بۇيۇملىرى بىلەن ئۆزلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى.

قەشقەر 6–ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلىماقتا


پوسكام ناھىيەسىدە مائارىپ خىزمىتىدىكى تۆھپىكارلار تارتۇقلاندى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى ، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، 8–سېنتەبىر ناھىيەلىك خەلق تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ھالدا مائارىپ سىستېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ، مۇنەۋۋەر كەسپىي ئەخلاق ئۈلگىلىرى ، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە ئىلغار مەكتەپ كوللېكتىپلىرىنى مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنى ئاشتى. يىغىنغا ، ناھىيەدىكى تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بارلىق مەسئۇللىرى ، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە–جەمئىيەت ، كارخانا ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ، ھەرقايسى يېزا–بازارلارنىڭ باشلىقلىرى، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر ، ئىلمىي مۇدىرلىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى .
يىغىندا پوسكام ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چىن شۇگاڭ پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى مائارىپ خىزمىتىنى ئەتراپلىق خۇلاسىلەپ ، كېيىنكى ئوقۇش باسقۇچىدىكى مائارىپ خىزمەتلىرىنى كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى . يىغىن ئاخىرىدا ، نۇرىمانگۈل ئوسمان ، تۇدىنىسا ئابابەكرى قاتارلىق 100 نەپەردىن ئارتۇق مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى ، كەسپىي ئەخلاق ئۈلگىسى ۋە ئىلغار سىنىپ مۇدىرلىرى ، پوسكام ناھيەلىك 4–ئوتتۇرا مەكتەپ ، كۇيباغ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق 40 قا يېقىن ئىلغار مەكتەپ كوللېكتىپى مۇكاپاتلاندى.



يەكەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى جەم بولۇپ ، 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئايۇپ خەۋىرى ، فوتوسى: 7–سېنتەبىر كەچ ، يەكەن ناھىيەلىك مۇقام تىياتىرخانىسىغا ناھىيەدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىلىرى ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياش–ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى.